كارزاينىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرى سايلامدا ئۇتتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئافغانىستاندىكى يېڭىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان خەمىد كارزاينىڭ ئاساسلىق سايلام رىقابەتچىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى سايلامدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەتىراپ قىلدى.

خەمىد كارزاينىڭ رىقابەتچىلىرىدىن بولغان يۇنۇس قانۇنىي ۋە دوستۇم پەيشەنبە كۈنى، 9 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستان سايلام كومىتېتى بىرلىشىپ چارشەنبە كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنتى خەمىد كارزاينىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، ئافغانىستاننىڭ پرېزىدېنتىلىقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. سايلام كومىتىتى، سايلامدا بىر قىسىم ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ سايلامنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان خەمىد كارزاينىڭ غەلىبىسىنى قۇتلۇقلاپ، ئافغان يېڭى ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىدە داۋاملىق تۈردە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى مۇستەھكەملەشكە چاقىردى. (ئارزۇ)