0:00 / 0:00
قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىشى قازاقىستان خەلقلىرى ئارىسىدا غۇل-غۇلا پەيدا قىلدى.
14-فېۋرال كۈنى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە رەھبەرلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قاتىللىق ھەرىكىتىنى پىلانلىغۇچىلارنى ئەيىبلىدى.
15- فېۋرال كۈنى قازاقىستان ئالىملىرى ھەمدە خەلق ۋەكىللىرى ئالتۇنبېكنىڭ دەپنە ماراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە بايانات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.