قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: سەرسانبايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبى "شەخسىي ئۆچمەنلىك"

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بورجان مۇقامەدجانوف، قازاقىستان ناغىز ئاقيول پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنىڭ قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇتانبايېف بىلەن بولغان " شەخسىي ئۆچمەنلىكى" سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەمما ناغىز ئاقيول پارتىيىسى ۋەقەنى "بۇيرۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان"، ئادەتتىكى جىنايەت ئەمەس، دەپ قارىماقتا. بۇرجان مۇقامەدجانوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ مەمۇرى باشقارما مۇدىرى ئېرجان ئۇتانبايېف سەرسانبايېف بىلەن " ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەخسىي ئۆچمەنلىكى" سەۋەبىدىن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئۇتانبايېف ئۆتكەن ھەپتە قولغا ئېلىنغان ئىدى.

بىراق ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئۇتانبايېفنىڭ ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىش كۈچى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ قىزى دارىغا بىلەن كۆيئوغلى راھەت ئالىيېفلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ناغىز ئاقيول پارتىيىسىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى تولىگېن جۇكىيېف، دۈشەنبە كۈنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سەرسانبايېف ۋەقەسىنى ئۇتانبايېف پىلانلىغان، دېگەن قارىشىقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بۇ ئادەتتىكى جىنايەت ئەمەس، بۇيرۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۈيقەست " دەيدۇ.

بۇ ئارىدا قازاقىستاننىڭ بەزى مەتبۇئاتلىرى سەرسانبايېف سۈيقەستىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى نازاربايېف ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى تېگى - تەكتى ئۇيغۇرلار بىلەن چېتىشلىقى بار بىر ئەمەلدار پىلانلىغان بولۇشى مۈمكىن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شاڭخەي گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي جىنايەتلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراش مەتبۇئاتلارنىڭ ئەقلىگە ئاسان كېلىدىغان بىر يول بولۇپ قالغان. (ئەركىن)