ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رامسفىلد ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان قىرغىزىستان رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
قىرغىزىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا رامسفىلد بېشكەككە كېلىشتىن سەل ئىلگىرى، رامسفىلد بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتانبايېۋا، ھەربىي بازا مەسىلىسى " رامسفىلدنىڭ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ،" دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ رامسفىلدنىڭ سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەتنى 2 قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنى مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشقا قىستىغان. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر يېقىندا ئاستانىدىكى يىغىنىدا ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە شتاب رەئىسى گېنېرال رىچارد مايىرس، " ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھمىيىتى ئامېرىكا ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىمىزنى بازا بىلەن تەمىنلەش بىلەن چەكلەنمەيدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)