كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۆزبېكىستانغا بارمايدۇ


2005.10.05

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس كىلەر ھەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوندىلىزا رايىس بۇ قېتىم ئافغانىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دېموكراتىك قۇرۇلۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئۆزبېكىستان تېخى يېقىنغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقدىشى ئىدى. ئەمما، كوندىلىزا رايىس بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۆزبېكىستانغا بارمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، ئەنجان ۋەقەسى سەۋەبىدىن يامانلاشقان ئامېرىكا ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا، ئۆزبېكىستاننىڭ 13 - ماي كۈنى يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان ئارقىدىن ئامېرىكىدىن ئۆزبېكىستاندىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋەقەسىدىكى پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئامېرىكا گەرچە ئۆزبېكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىدا مۇرەسسەلەشمەيدۇ" دېدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.