ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرىدىغان ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن


2006.07.24

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى جون ئابۇزائىد دۈشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى قىسقارتىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

گېنېرال ئابۇزائىدنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان، لېكىن رايوندا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى يوق . ئۇ، مەن شۇنى پەرەز قىلالايمەنكى، ھەمكارلىقىمىزنىڭ دەرىجىسى يۇقىرىلىسىمۇ، لېكىن، ھەربىي مەۋجۇتلىقىمىز قىسقىرىشى مۇمكىن " دەيدۇ. جون ئابۇزائىد بۇ سۆزلەرنى ئاستانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك قازاقىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا 11 - سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان. ئۆتكەن يىلى ئەنجان ۋەقەسىدە ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، كېرىموۋ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن خانئاباد ھەربىي بازىسىنى بوشىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا يېقىندا قىرغىزىستان بىلەن ماناس ئايرودرويىتەكچىمىنى داۋاملىق ئىجارە ئېلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قىرغىزىستانغا يىلدا 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولدى.

جون ئابۇزائىد ئامېرىكىنىڭ كاسپىي دېڭىز بويىدىكى ئىرانغا يىراق بولمىغان قازاقىستان زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ، "بىزنىڭ پىلانىمىز قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىزدىكى دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئۆستۈرۈش، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ئەمەس" دەيدۇ. قازاقىستان، ئوتتۇرا - شەرق بىلەن بەسلىشەلەيدىغان دەرىجىدە مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولغانلىقتىن، بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى غەرب ئەللىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قازاقلار 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ش ئا ئو ئە ت ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.