ئامېرىكا ئۆزبېكىستانغا بەرمەكچى بولغان ياردەم پۇلنى توڭلاتتى
2005.10.02
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستانغا بەرمەكچى بولغان 21 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەمنى توڭلىتىۋەتكەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ ئاق ساراي باياناتچىسى شون ماككورمىك مۇخبىرلارغا ئۇچۇر بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنىڭ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى ھەمدە تاشكەنتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۆزبېكىستانغا قورال ياراق سېتىپ بەرمەسلىك ۋە باشقا ياردەملەر ھەققىدە قارار قوبۇل قىلماچى بولغان، ئامېرىكا بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن تاشكەنت رەھبەرلىرى ئامېرىكا بىلەن بولغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقلىرىنى قىسقارتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي بولغان ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېك ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى قىيىن- قىستاققا ئېلىش بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا
- ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىنىڭ تۇتقۇنلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستانغا ئىمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلدى
- تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار
- ئۆزبېك –قىرغىز مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىختىلاپلار كۆپەيمەكتە