يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئامېرىكا ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەربىي ھەمكارلىقتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيو-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنسىتىرى نىكولاس بىرنس" بىز پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆرمەسلىككە سېلىشنى خالىمايمىز، دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن خانئاباد ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزبېكىستاننىڭ خانئاباد ھەربىي بازىسى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ مەزكۇر قارارى تۈپەيلى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى نىكولاس بىرنس كېلەر ھەپتە ئۆزبېكىستانغا قىلماقچى بولغان رەسمى زىيارىتىنى بىكار قىلغان.
ئامېرىكا- ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى ئاخىرقى بىر نەچچە ئايدىن بىرى يىرىكلىشىشكە باشلىغان. 13 - ماي كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ كېرموف ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەپ بولدى. (ئەقىدە)