ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى


2006.09.08

قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ياردەمچى تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى رىچارد بوچېر جۈمە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانانى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئاستانادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىشىچە، رىچارد بوچېر ئاستانىدا قازاقىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسى، قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. لېكىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي دىتاللىرىنى ئاشكارىلىمىدى. رىچارد بوچېرنىڭ زىيارىتى شەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رىچارد بوچېرنىڭ زىيارىتىنى بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ جىددىي زىيارەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. بوچېرنىڭ زىيارىتى قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېۋ كېلەر ئاي ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.