نازەربايېۋ پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2006.09.29

قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئەڭ باي دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇشى سۈپىتىدە جۈمە كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاق سارايدا ئۇچراشتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا قازاقىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى قوغداش ھەمدە بۇلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

نازەربايېۋ ئامېرىكىنىڭ مەيىن شتاتىدىكى پرېزىدېنت بۇشنىڭ دادىسى بۇشنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا كەلدى. ئۇ، شۇ كۈنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېنىي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە كەچلىك زىياپەتكە قاتناشقان. ۋاشىنگتوندىكى دىپلوماتلار نازەربايېۋنى ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" جۈمە كۈنى "قۇدرەتلىك ئادەم بىلەن قۇچاقلىشىش " دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، نازەربايېۋنىڭ زىيارىتى بۇشنىڭ يەر شارىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش چاقىرىقىنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ " دەپ يازدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2005- يىلى 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىنى "بىنورمال" دەپ ئاتىغان ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى "ناچار" دەپ تەنقىدلىگەن. شۇ قېتىمقى سايلامدا نازەربايېۋ ئومۇمى بىلەتنىڭ 91 % گە ئېرىشكەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.