ئامېرىكا ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ئورتاق يوسۇندا تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۈس قىلدى


2004.11.16

ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى لورا كېنېدىي، ئاقايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى يېقىندىن قوللاپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكنىڭ ئەتراپىدا بازا قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرلەش ھاسىل قىلغان ئىدى.

ئەسقەر ئاقايېف بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ئەمەلدارىغا، قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە يېقىندا كېلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، " قىرغىزىستان بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىنى روشەن، دىموكراتىك ۋە ئوچۇق ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ " دەپ بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.