قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايدۇرۇمىنى داۋاملىق ئىشلىتىگە قوشۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بېشكەكتىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش توغرىسىدا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدى.

رامسفىلد، پەيشەنبە كۈنى بېشكەكدىكى زىيارىتى جەريانىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇلار، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. باقىيېۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئارقا سەپ ياردىمى بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بۇ بازىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بىراق ئۇ، رامسفىلد بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاۋاكس بەلگىلىلىك چارلىغۇچى ئايرۇپىلانلىرىنى قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغان.

رامسفىلد، بېشكەككە كېلىشنىڭ ئالدىدا ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلدى. ئۇ ئافغانىستاندا پرېزىدېنت كارزاي بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كېلەچىگىنى مۇزاكىرە قىلدى. پرېزىدېنت كارزاي، " ئافغانلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئورناتقان ئىستراتېگىيىلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى، ئافغانىستاننىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىدا پەۋقۇلاددە ئەھمىيەتكە ئىگە،" دەپ تەكىتلىگەن.

رامسفىلد قىرغىزىستانغا يولۇقۇشنىڭ ئالدىدا پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تەرورىزىمغا قارشى كۈرەشتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى. رامسفىلد قىرغىزىستاندا بۇ يەردىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى يوقلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا 1000 نەپەر ئەسكىرى تۇرماقتىكەن. (ئەركىن)