ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى خوشلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2005.08.11

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى سىتىفان يوڭ، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى مەدھىيىلىدى. ئەمما ئۇ، قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا ئامېرىكىنىڭ قولى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. سىتىفان يوڭ يېقىندا قىرغىزىستان باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلماقچى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ستىفان يوڭ، چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ۋىدالىشىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، يېقىندا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى ئۈستىدە توختىلىپ " قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ ئەركىن ۋە ئەڭ ئادالەتلىك بىر سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە ياراتتى" دېگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن ئاي قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، مارت ئېيىدىكى خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان قۇرمانبېگ باقىيىف، خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان.

مارت ئېيىدا قىرغىزىستاندا خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان ئەسقەر ئاقايېف، ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا رول ئوينىغان دەپ ئەيىبلىگەن. ئاقايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيىنى ياقلىغان سىياسىتىدىن بىئارام بولغان.

لېكىن، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى، ئاقايېفنىڭ بۇ مۇددىئالىرىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ، رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر مەخپىي پىلانى يوق، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.