ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت جوسېف، جۈمە كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىلەن قورال - ياراقلارنى كونترول قىلىش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
روبېرت جوسېف قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكس قۇلوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، " زىيارىتىمنىڭ پرىنسىپال مەقسىدى قىرغىز ھۆكۈمىتى بىلەن قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش بويىچە ھەمكارلىقىمىزنى قانداق كېڭەيتىش توغرىسىدا سۆزلىشىش،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
فېلىكس قۇلوۋ، "بىز قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا قارشى بارلىق تەدبىرلەرنى ئالىمىز،" دېدى. جوسېفنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ كېلەر ھەپتە قىرغىزىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ، رايىسنىڭ زىيارىتى " بىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت مۇناسۋىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ " دەپ ئەسكەرتتى. كوندىلىزا رايىسنىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ. (ئەركىن)