ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ دىرېكتورى ئەخمەد يۇنۇس قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىنى جۈملىدىن ئوش قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان.
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەخمەد يۇنۇس ئوش شەھىرىدىكى قىرغىز-ئۆزبەك ئۇنىۋەرسىتېتى قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى شۇنىڭدەك ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پروفەسسور ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بەرگەن.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئەخمەد يۇنۇس يەنە مۇخبىرلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش قاتارلىق جايلار كۆپىنچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئادەملىرىنى بارماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان نۇقتىلاردۇر. بۇ رايوندىكى ئاھالىلارنىڭ دىنى ئېتىقادى قىرغىزىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلەر ئەۋجى ئالغانلىقى ئۈچۈن غەرب دولەتلىرى جۈملىدىن رۇسىيە ۋە خىتايمۇ پەرغانە ۋادىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارىنى بەرمەكتە.(ئۈمىدۋار)