قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيە پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2005.01.17
دۈشەنبە كۈنى، قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە ھېسابلانغان "ئاق جول" پارتىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پارتىيىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان ئالماتا شەھەرلىك سوتى مۇشۇ ئاي ئىچىدە، قازاقىستاندىكى ئەڭ مۇھىم ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنى، خەلقنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان دەپ ئەيىبلەپ، پائالىيىتىنى چەكلىگەن ئىدى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالماتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، "ئاق جول" پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولات ئابىلوف، "ئاق جول" پارتىيىسىنىڭ يېقىندا دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسى بىلەن ئوخشاش بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆكتىچى سىياسىي گۇرۇھلارغا قارشى باشلىغان ھەرىكىتىنىڭ مەزكۇر پارتىيىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ يېتىشىچە، دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، قازاقىستان ھاكىمىيەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باشلانغان سىياسىي ئويۇننىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەن.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان دائىرلىرىنىڭ دېموكراتىك تاللاش پارتىيىسىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىگەنلىكى، ئۇكرائىنىيە ۋە گروزىيىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ قازاقىستاندا يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا قارشى باشلاتقان ھەرىكىتىنىڭ بىر بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستاندا ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىنىڭ پائالىيىتى چەكلەندى
- ئامېرىكا قازاقىستاندىكى كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىق قوراللارنى تازىلاش ئىشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- قازاقىستاندىكى ھۆكۈمران پارتىيىنىڭ باش شىتابىدا پارتلاش يۈز بەردى
- قازاقىستان ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈردى
- قازاقىستان بىر قىسىم تېررورستلارنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى
- قازاقىستان رەھبەرلىرى، قازاقىستاننىڭ سىياسىي مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- قازاقىستان ئالى سوت مەھكىمىسى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندىكى ھەركىتىنى چەكلىدى