قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئاقايېۋ جەمەتىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشى مۇمكىن


2005.04.01

قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى، 24 - مارتتىكى خەلق ھەرىكىتىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى پىلانلىغان شۇنداقلا ئەگەر ئاقايېۋ قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلسە، " پۇقرالارنىڭ ئۇنى پارچە - پارچە قىلىۋېتىدىغان" لىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى مىنىستىرلار ئاقايېۋقا يۇمشاق قوللۇق قىلىشنى رەت قىلماقتىكەن. بىراق خەلقئارا كېلىشتۈرگۈچىلەر، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى دائىرىلەرنى ئاقايېۋنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇپ، ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۈندىمەكتە. ئامما مىنىستىرلار، ئاقايېۋ ۋە ئائىلىسىنىڭ قىرغىزىستاندا خىيانەتچىلىك بىلەن سودا ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئاقايېۋ يۇقىرىقى ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلدى. ئاقايېۋ، بىر بىنا ئۆي شۇنداقلا بىر ماشىنىسىدىن باشقا مال - مۈلكى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا، "ئۇنداقتا ئاقايېۋنىڭ ماشىنىسىنى موسكۋاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى، باشقا نەرسىلەر ئۇ، ئائىلىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان قىرغىز خەلقى بىلەن قالسۇن،" دېدى

. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تەكەبايېۋ، " ئاقايېۋنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى، بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتى سايلىمىنىڭ قانۇنىلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر،" دەپ كۆرسەتكەن. ئامما رورا ئوتانبايېۋا، ھۆكۈمەت ئاقايېۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز. ئەگەر ئۇ قايتىپ كەلسە، خەلقنىڭ ئۇنى پارچە - پارچە قىلىۋېتىشىنى خالىمايمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ مال -مۈلكىنى ئېنىقلاشقا باغلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.