ئەسقەر ئاقايېف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قوشۇلدى


2005.04.03

قىرغىزىستاننىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بېرىشكە قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستاندا ھەپتىلەردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا خاتىمە بېرىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋاغا قېچىپ بېرىۋالغان ئەسقەر ئاقايېف يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈچ سائەتچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بېرىشقا قوشۇلغان. بۇنىڭ بەدىلىگە، قىرغىزىستان پارلامېنتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش مۇراسىمى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئەسقەر ئاقايېف 24 - مارت كۈنىدىكى كەڭ خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كىيىن، بېشكەكتىن قېچىپ كەتكەن ئىدى. قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىدا، پرېزىدېنت چوقۇم پارلامېنت ئالدىدا ئىستىپا بېرىشى بەلگىلەنگەن. بىراق ئەسقەر ئاقايېفنىڭ قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇن سوتى، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ سۈرگۈندە تۇرۇپ ئىستىپا بېرىشىنى تەستىقلىغان.

ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشكە قوشۇلۇشى، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، 26 - ئىيۇن كۈنىگە بېكىتىلگەن پرېزىدېنت سايلىمىغا يول ئېچىپ بەردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.