ئاقايېف خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى
2005.04.04
مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈرۈلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف دۈشەنبە كۈنى خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى. بۇنىڭ، مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىر ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسقەر ئاقايېف قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىستىپا بېرىش ھۆججىتىنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى ئۆمۈربەك تېكېبايېفقا سۇنغان. بۇ ھۆججەت سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ئەسقەر ئاقايېف ئىستىپا بېرىش مۇراسىمىدا يەنە قىرغىزىستان خەلقىغە 20 مىنۇتلۇق سۆز قالدۇرغان. ئەمما ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھازىر بۇنى قىرغىزىسىتان تېلېۋىزورىدا بېرىش-بەرمەسلىك ھەققىدە تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ 24 - مارت كۈنىدىكى ئىنقتىلاۋىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، ئەسقەر ئاقايېف دۆلىتىنى تاشلاپ رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ھوقۇقنى تارتىۋالغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى قۇرمانبەك باقىيېف ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى قارشى ئالدى ھەمدە ئۇنى قىرغىزىستانغا ئەمدى قايتىپ كەلمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى ئۇلار ئاقايېف قايتىپ كەلسە، بۇنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىكە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
قىرغىزىستاندىكى يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشى، سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياخشى يول ئاچتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەسقەر ئاقايېف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قوشۇلدى
- قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئاقايېۋ جەمەتىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشى مۇمكىن
- ھەرقايسى تەرەپلەر ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا
- بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار يەتتە مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىغان
- قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئاقايېفنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى