قىرغىزىستان پارلامېنتى ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىشنى يەنە كېچىكتۈردى. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىشتىنى بۇرۇن، ئۇنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىگە بولىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىشنى خالايدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، جۈمە كۈنى قايتا يىغىپ ئېچىپ، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلماقچى ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىغا يول ئاچماقچى بولغان.
قىرغىزىستان پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى يەنە 26 - ئىيۇن كۈنىگە بېكىتىلگەن يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىنى بىكار قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتى ئەسقەرئاقايېفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىدىكەن.
ئاغدۇرۇلغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف ئىككى ھەپتە ئاۋۋال رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىش نۇتۇقى تارتىلغان سىنئالغۇ لىنتىسى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتىدا قويۇلغان. ئۇ ئىستىپا بېرىش نۇتۇقىدا " مەن ھىچقانداق ۋىجدان ئازابى تارتماي ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىۋاتىمەن، چۈنكى مەن قولۇمنى ئۆز خەلقىمنىڭ قېنى بىلەن بويىمىدىم، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدىم " دېگەن.
بۇ سىنئالغۇ لىنتىسى دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا تارتىلغان. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭ بىلەن موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئەسقەر ئاقايېف دۈشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى. (ئارزۇ)