قىرغىزىستان پارلامېنتى، سابىق پرېزىدېنت ئاقايېۋنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلدى

قىرغىزىستان پارلامېنتى جۈمە كۈنى بېلەت تاشلاپ، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەكتىكى خەلق ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ ھەر خىل ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلدى.

پارلامېنت ئاقايېۋنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت ۋە پارلامېنت خىزمىتىگە ئارلىشىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقتىن چەتتە قالمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقايېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشنى ئاۋازغا قويۇش كېچىكتۈرۈلدى. قىرغىزىستان پارلامېنتى، ئاقايېۋ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن قانداق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

پارلامېنتنىڭ جۈمە كۈنكى قارارى بويىچە، ئاقايېۋنىڭ دۆلەت مەجلىسى، قىرغىزىستان دۆلىتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بايانات ئېلان قىلىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشكەكتىكى ئىككى تۇرالغۇسى بىلەن شەخسى كىتابخانىسىنى مۇسادىرە قىلىنغان.

پارلامېنتىكىلەر، ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ قىلغان خىيانەتچىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنتنىڭ ئاقايېۋ توغرىسىدا چىقارغان قارارى، پرېزىدېنت باقىيېۋ تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بىراق ئاقايېۋ، ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان ئاساسى قانۇنى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىم كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " مەن ئىشىنىمەنكى مېنىڭ قىرغىزىستانغا رەھبەرلىك قىلغان كۈنلىرىم تارىخنىڭ مۇئەيەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ."

قىرغىزىستان پارلامېنتى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئاقايېۋنىڭ ئىستىپاسىنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشىغا سۇنىدىكەن شۇنداقلا بۇ يىل 6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئەركىن)