قىرغىزىستان، سابىق پرېزىدېنت ئاقايېۋنىڭ مال - مۈلكىنى تەكشۈرىدۇ

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 42 شىركەتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ چىققان. تىزىملىكتىكى شىركەتلەر ئالتۇن كېنى، سېمونت زاۋۇتلىرى، سودا مەركىزى، چوڭ گېزىتلەر ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، بېشكەكتىكى كەچلىك كۇلۇبلار شۇنداقلا ئالىي دەرىجىلىك رېستۇرانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاقايېۋ جەمەتىدىكىلەرنىڭ تىجارەت پائالىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق چوڭ كارخانىلار بىلەن چېتىلىدىكەن. ھازىرغا قەدەر رۇسىيىدە پانالىنىۋاتقان ئاقايېۋ، قىرغىز مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇنىڭ جەمەتى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى سىياسىي مەقسەت ئارلاشقان، دەپ رەت قىلماقتىكەن.

ئەنگىلىيە ئاخبارات تورى ب ب س، ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئىجارىگە بېرىلگەن بېشكەكتىكى ماناس ئايدۇرۇمىنىڭ تەكشۈرۈش ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئاقايېۋنىڭ قىزى بەرمىت، تىزىملىكتىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بولۇپ، ئاقايېۋ ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.

دۆلەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاقايېۋنىڭ مال مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرمىت ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئىلكىدە، دەپ قارالغان.ئاقايېۋ 24 - مارتتىكى خەلق ئىنقىلابىدا رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. (ئەركىن)