خىتاي پرېزىدېنت كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن پۇل بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

قىرغىزىستان خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 30-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسقەر ئاقايېۋ كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن 80 مىليون يۈئەن بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. چۈنكى، 25-ئاپرەل كۈنى مۇئاۋىن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئۇسېنوپ سابىق ھۆكۈمەتنىڭ پارىخورلۇق ئىشلىرىنى تەنقىد قىلغاندا ئاقايېۋنىڭ پرېزىدېنت كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن پۇل ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي تەرەپ 2004-يىلى بىشكەك بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا ئىككى سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى ئەمما، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي شەرتلەر ئاساسىدا بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ۋەكىلىنىڭ بۇ سۆزنى قوشۇمچە قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل، يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسىي شەرتلىرىگە كۆنۈش بەدىلىگە خىتايدىن پۇل ئالغان دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ئىدى.

يەنە بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى كۈزەتكۈچىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكەتلىرىنى توسۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە دائىم ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىشمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر يېڭى ھۆكۈمەت ئاقايېۋ ۋە باشقا سابىق قىرغىزىستان رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ پارىخورلۇق ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېنىقلاش ئىشلىرىنى باشلىغان. (ئۈمىدۋار)