ئاغدۇرۇۋېتىلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېۋ ئىستىپا بەردى
2005.04.04
24 - مارتتىكى خەلق ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن رۇسىيىگە قېچىپ بارغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ، دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. ئاقايېۋنىڭ ئىستىپانامىسى سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستان تارىخىدىكى بىر دەۋر ئاخىرلاشقان بولدى. ئاقايېۋنىڭ ئىستىپاسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن پارلامېنت ئەزاسى تاشگۈل كېرەكسىزوۋ، " ئاقايېۋ قىرغىزىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىدىكى تارىخىي قارارنى چىقاردى،" دەپ كۆرسەتتى.
قىرغىزىستاننىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدىكى مۇراسىم
ئاقايېۋنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئاقايېۋ، ئۆمۇربەگ تەكەبايېۋ باشچىلىقىدىكى قىرغىزىستان پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىستىپانامىغا ئىمزا قويدى.
مۇراسىمغا قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيىدىكى باش ئەلچىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېۋلار قاتناشقان. تۈركىيە "يېڭى شەفەق" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل، ئەنقەرەنىڭ قىزىلچاھاممام ناھىيىسىدە چاقىرىلغان ئاق پارتىيىلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا، ئاقايېۋنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنى تۈركىيىدە ياشاش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرى تۈركەل: ئاقايېۋنىڭ ئىستىپاسى قىرغىزىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاقايېۋنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى قىرغىزىستاندىكى سىياسى كرىزىسنى يۇمشىتىش شۇنداقلا بۇ يىل 6 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىقكەن. نۇري تۇركەل مۇنداق دەيدۇ:
"ئاقايېۋنىڭ قايتمىغىنى غەرب ئەللىرى ۋە ھازىر ھوقۇقتىكى قىرغىز رەھبەرلىرى تەۋسىيە قىلغاندەك، كېلىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان جەمئىيەتتىكى بەزى ئىگىز-پەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا رولى بولىدۇ. جەمئىيەتنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن، ئاقايەۋدەك خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ۋە خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر ئادەمنىڭ بۇ رايوندىن يىراق يەردە تۇرۇشى، بۇ رايوننىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكى ۋە ئۆتكەللەردىن توسقۇنلۇقسىز ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئىجابىي رولى بولىدۇ".
ئاقايېۋنىڭ ئىستىپا بېرىشكە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى بىلەن بىرگە، ئاقايېۋنىڭ قىرغىزىستان خەلقىغە سۆزلىگەن نۇتۇقى تېلېۋىزور لىنتىسىغا ئېلىندى. ئامما ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىقنى قىرغىزىستان پارلامېنتى سەيشەنبە كۈنى قارار قىلىدىكەن.
ئاقايېۋ، كۆڭلى رەنجىگەن پۇقرالارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقايېۋ قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، " ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 14 يىل جەريانىدىكى تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالغان. بۇ جەرياندا كۆڭلى رەنجىگەن پۇقرالارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان" ئاقايېۋ، " قىرغزىئىستاننىڭ كەلگۈسىدە دېموكراتىك دۆلەت بولۇش يولىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلغان."
ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان شۇنداقلا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبەگ باقىيېۋ قاتارلىقلار پرېزىدېنت سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىك قىرغىزىستان كۆرۈشنى خالايدۇ
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت باقىيېۋ، ئاقائۇئېۋنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالدى. قىرغىزىستاندا سىياسى مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن روزى مەمەت باقىيېۋ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قىرغىزىستان قانۇنلىرىدىكى دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ئەمىلىيىتىدە كۆرسىتىشكە چاقىردى. روزى مەمەت باقىيېۋ مۇنداق دەيدۇ:
"بىرىنچىدىن، ئاساسى قانۇندا ھەممىمىزنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق گراژدان ئىكەنلىكىمىز ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچىدىن، ئاقايېۋ ئۆز ۋاقتىدا قىرغىزىستاننىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلۇق مەملىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا نۇرغۇن قانۇنلار قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ قالدى. ھازىر بىز يېڭى قىرغىز ھۆكۈمىتىدىن، يېڭى سايلانغان پارلامېنتتىن قانۇنلارنىڭ قەغەز يۈزىدە قېلىپ قالماسلىقىنى ۋە ئەمەلىي ھاياتتا ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز".
ئۇ، ئاخىرىدا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى قۇرمانبەگ باقىيېۋ قاتارلىقلارنىڭ " قىرغىزىستاننى دېموكراتىيە يولىغا ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،" دەپ كۆرسەتتى.
ئاقايېۋ دەۋرىدە خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەڭ كۆڭۈلچەك خوشنىسى قىرغىزىستاندىكى ئۆزگۈرۈش، خىتاينى ئەنسىرىتىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 23 - مارتتىن 28 - مارتقىچە قىرغىزىستان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىغان ئىدى. ئامما قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىشكە تىرىشقان.
ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
روزى مەمەت باقىيېۋ، دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىدىكى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار دېموكراتىك ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. روزى مەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاقايېۋ دەۋرىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەخمەت گۆنەن قاتارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ دىلوسىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىكەن.
قىرغىزىستان تۈرمىسىدىكى ئەخمەد گۆنەن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى قىرغىزىستاندا پارتىلتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىپلىگەن ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى، مەھبۇسلارنىڭ ئالدىنى ئۆلۈم جازاسىغا، كەينىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئەسقەر ئاقايېۋ، 1990 - يىلى قىرغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن پرېزدېنتلىققا سايلىنىشتىن ئىلگىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەشھۇر فىزىكشۇناسلارنىڭ بىرى بولۇپ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى. رۇسىيە بىلەن قازاقىستان، ئاقايېۋ بىلەن قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ كاپالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېلىشىم بويىچە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئەسقەر ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قىرغىزىستان پارلامېنتى سەيشەنبە كۈنى ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئەركىن)