ئامېرىكا قازاقىستاننى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى قازاقىستانغا قاراتقان تەلەپپۇزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ ئاخباراتچىلىق قانۇنىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى جون ئوردۋېي " مەتبۇئات قانۇنلىرىغا يېڭىدىن كىرگۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان قوشۇمچە ماددىلار، قازاقىستاندا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ" دېدى.

ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تەلەپپۇزى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئاۋۋال قازاقىستانغا تۇتۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيىسىدىن كۆپ پەرقلىق بولدى. نۇرغۇن ئانالىزچىلار ئامېرىكىنى رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچ تالىشىش ئۈچۈن خېلىدىن بېرى قازاقىستانغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمما جون ئوردۋېي چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنئالا خەۋىرى يوق بولغان بولسا، بۇنىڭدىن ئەمدى خەۋىرى بولىدۇ" دېگەن.

يېڭىدىن كىرگۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان بۇ ماددىلار قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىلار ھۆكۈمەتنىڭ ژورنالىستلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويىدىكەن. ئەمما قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىلىدىغان بۇ ماددىلارنى ئاقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھامان ئاممىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان ئىشەنچىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرمۇ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى تەنقىدلەيدىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇنداقلا 2005‏- يىلىدىن بۇيان ئىككى نەپەر قازاق ئۆكتىچى رەھبىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەتبۇئاتلاردا بۇ خەۋەرگە ناھايىتى ئاز ئورۇن بېرىلدى. (پەرىدە)