قىرغىسىتاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرسىتان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ھاشىر ۋاھىدىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

مەركىزى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇرسىتان ئازاتلىق تەشكىلاتى 1990 ‏- يىللارنىڭ باشلىرى قازاقىستاندا ئەڭ ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن مەزكۇر تەشكىلات 1998 ‏- يىلى بۇ ئورگاننىڭ رەھبىرى ھاشىر ۋاھىدىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆز ئاكتىپچانلىقىنى يوقاتقان. ھاشىر ۋاھىدىنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل 10 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ۋاھىدىغا سۈيقەست قىلغۇچىلارنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىدى. لېكىن قىرغىسىتاندىكى ئۇيغۇرلار ۋاھىدىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇلار بېشكەك شەھىرىدىكى بىر زالدا ھاشىر ۋاھىدىنى خاتىرىلىدى.

تۆۋەندە بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام مەلۇمات بېرىدۇ.