قازاقىستان ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈردى

قازاقىستان دائىرىلىرى يېقىندا خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى٪ 30 ئۆستۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاموژنا دائىرىلىرى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا باجنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ماللارنىڭ قاچىلىنىشىغا قاتتىق تەلەپلەرنى قويغان. شۇ كۈنىلا تورغات ئېغىزى ئارقىلىق خىتايدىن كىرگەن بەلگىلىمىدىن ئارتۇق يۈك قاچىلانغان 67 دانە يۈك ئاپتوموبىلىنى قايتا قاچىلىغۇزۇپ، تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىگەندىن سىرت، باشقا ئارتۇقچە يۈك قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنى بىردەك چىگرادىن كىرگۈزمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە قازاقىستاننىڭ نىمە ئۈچۈن توساتتىن خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەنلىكى ۋە بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ خىتاي- قازاقىستان سودىسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى ماللىرىنى ئاۋال قىرغىزىستانغا ئاپىرىپ، ئاندىن قازاقىستانغا توشىماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)