قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇن سوتى باقىيېۋنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى تەستىقلىدى

قىرغىزىستاننىڭ "قابار "ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 16-ئىيۇل كۈنى ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىتىنى تەستىقلىدى.

قۇرمانبېك باقىيېۋ 10-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن بۇرۇنقى پرېزىدېنت سايلىمىدا 88٪ ئاۋازغا ئېرىشىپ، غەلىبىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمىي بىر مىليون 770مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلىغان.

ئاساسىي قانۇن سوتى سايلامنىڭ ئەھۋالىنى شۇنىڭدەك باقىيېۋنىڭ سايلىنىشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىتىگە ھەقىقى لايىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى قەسەم بېرىپ رەسمى تاپشۇرۇۋېلىشىنى قارار قىلدى.

قىرغىزىستان سايلام قانۇنى بويىچە پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئادەم ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ 30 كۈن ئىچىدە يۇقىرى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىكەن. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى باقىيېۋنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

10-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامنىڭ دېموكراتىك قائىدىلەرگە ئۇيغۇن، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە سايلام بولغانلىقى خەلقارالىق كۆزەتكۈچىلەر ھەمدە دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)