قىرغىزىستان يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى تەسىس قىلدى
2005.10.02
ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، ۋاقىتلىق مىنىستىرلار كابىنېتى ۋە باشقا دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلغان پرېزىدېنت قۇرمابېك باقىيېۋ بۇ يىل 7-ئايدا رەسمى ھالدا پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر قاتار يەڭگۈشلەشلەرنى ئېلىپ باردى.
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باقىيېۋ ئالدى بىلەن ئۆكتىچى فېلىكىس قۇلۇپنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەندىن كېيىن، يېقىندا ئاتاقلىق ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىدىن ئازىمبېك بېك نازاروپنى دۆلەت باش تەپتىشىلىك ۋەزىپىسىن قالدۇرغان. 30-سېنتەبىر كۈنى ئۇ يەنە بۇيرۇق چىقىرىپ، ئون مىنىستىرنى ئالماشتۇرغان ۋە قايتا تەيىنلىگەن.
قۇرمانبېك باقىيېۋ يەنە بۇ يىل 3-ئايدىكى قىرغىزىستان دېموكراتىك ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلغان. كېيىن ۋاقىتلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان روزا ئوتانبايېۋانىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى يېڭىدىن تەيىنلىگەن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىكى بۇ چوڭ كۆلەملىك تەڭشەش ۋە ئالماشتۇرۇشتا باقىيېۋنىڭ ئەسلى ئىتتىپاقچىلىرى ھېسابلانغان دېموكراتىك رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقتىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بەزى زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان پارلامېنتى تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى گۇرۇپپا قۇرۇشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن
- بېشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى
- قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇن سوتى باقىيېۋنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى تەستىقلىدى