ئاتاقلىق قىرغىز ئۆكتىچى رەھبىرى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى تەنقىد قىلدى

ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا يەر كەسىپ بەرگەنلىكى بىلەن ئاقايېۋقا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغان، كېيىن ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن بىر قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئونلىغان ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەدە تېخىمۇ نامى چىققان قىرغىزىستان ئۆكتىچى رەھبىرى ئازىمبېك نازاروۋ يېقىندا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى تەنقىد قىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، "قىرغىزىستان" سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئازىمبېك بېك نازاروپ،" قۇرمان بېك باقىيېۋ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت كۆپلىگەن خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئاقايېۋ سىستېمىسىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ چارە قوللانمىغانلىقىدۇر" دېگەن.

ئازىمبېك بېك نازاروپ يەنە پرېزىدېنت قۇرمابېك باقىيېۋ ھۆكۈمىتىنى تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىگ رۇسىيە ھۆكۈمىدىن ئەسقەر ئاقايېۋنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغانلىق ھەمدە ئاقايېۋ ئائىلىسىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئۇلارنى جازالىمىغانلىق بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئازىمبېك بېك نازاروپ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، قىرغىزىستان باش تەپتىشى بولغان، ئەمما كېيىن تۇيۇسىزدىنلا خىزمىتىدىن قالدۇرىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇ ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى جۈملىدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكى نارىندا يۈز بەرگەن قەشقەرگە قاراپ ماڭغان ئاپتوبۇس بىلەن ئادەملەرنىڭ كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)