قىرغىزىستاندا سەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتتىكى 13 نەپەر مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن كوللېكتىپ ئىستىپا بېرىشى بىلەن سىياسى ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ئىستىپا بەرگۈچى مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئىستىپا بېرىشتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلدى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغىلى بىر يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قىرغىزىستاندا دېموكراتىيە ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان باقىيېۋ، سەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنتىدىكى 17 نەپەر مىنىستىرنىڭ 13 نىڭ ئىستىپا بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاداخان مادىماروۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "باقىيېۋ مىنىستىرلارنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلمىغان." لېكىن مادىماروۋ، 13 نەپەر مىنىستىرنىڭ ئىستىپاسىغا نېمىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن مىنىستىرلار ئىچىدە مالىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بار.
باقىيېۋ ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە پايتەخت بېشكېكنىڭ ئالاتوۋ مەيدانىدىكى ئۆكتىچىلەر يىغىلىشىدا، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋتىن 27 -مايغىچە دېموكراتىك ئىسلاھات يولىدا كونكرېت تەدبىر ئېلىش تەلەپ قىلىندى. قىرغىزىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىستىپاچى مىنىستىرلار ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەكچى بولغان.
غەرب ئەللىرى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇ كۈنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بېشكەك ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشكە چاقىرغان ئىدى. (ئەركىن)