قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى


2006.09.05

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ دۈشەنبە كۈنى باشلىغان تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. باقىيېۋ دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى نەجدەت سەزەر بىلەن كۆرۈشكەن.

تۈركىيە پرېزىدېنتى نەجدەت سەزەر، پرېزىدېنت باقىيىفنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېۋ بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۈتۈلگەن سەۋىيىدە ئەمەسلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ قارارى ۋە ئىرادىسى بۇ كەمچىلىكنى تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەيشەنبە كۈنى بولسا باقىيېۋ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىب ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىپ، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا تۆت چوڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

قىرغىزىستان بىلەن يېقىن تارىخي، مىللىي ۋە دىنىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولغان تۈركىيە، قىرغىزىستاننىڭ دۇنيادىكى تۆتىنچى ئىقتسادىي شېرىكى بولۇپ، قىرغىزىستان’ غا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ئىككىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.