ئوتتۇرا ئاسىيا دۈلەتلىرى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ

خەلقئارا خېلىسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فدراتسىيىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، بىخەتەرلىك مەسىلسىنى باھانە قىلىپ دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

دۈشەنبە كۈنى 2006‏- يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان مەركىزى ۋېنادىكى خەلقئارا خېلىسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فدراتسىيىسى بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن يىلى ماي ئىيىدا ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەنجان شەھىرىدە ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قانلىق باستۇرغان ئىدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ باستۇرۇش جەريانىدا كۆپىنچىسى مىلىتانت 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ،خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقە شاھىتلىرى مەزكۇر باستۇرۇش جەريانىدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 1000 ئەتراپىدا نامايىشچىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خېلىسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فدراتىسيىسى شۇنداقلا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىسىتان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. (قانات)