قىرغىزىستان ئوشتا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن


2005.05.26

قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېف، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يېڭى بىر ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، " ئەگەر زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، قىرغىزىستان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئوش ئوبلاستىدا يېڭى بىر ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن" دېگەن.

ئەمما ئۇ مەزكۇر ھەربىي بازىنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى قاتارلىق كونكرېت لايىھىلەر ھەققىدە توختالمىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنى قوغداش قورالى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار، قىرغىزىستان يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەر تەرەپلىمە ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ بۇ تەكلىبنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

بۇ ئارىدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا قىرغىزىستان بىلەن " تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق" نى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىبىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندا نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.