روزا ئوتانبايېۋا، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2005.06.15
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى.
روزا ئوتانبايېۋا بۇ سۆزلىرىنى "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە 3 - بىر دۆلەتنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇربانبېگ باقىيېفنىڭ خىتايغا جەنۇبىي قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالسا، چوقۇم ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
روزا ئوتانبايېۋا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئامېرىكا بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يىغىندا بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاي-قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان ئوشتا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- خىتاي پرېزىدېنت كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن پۇل بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- قىرغىزىستاندىكى سىياسىي داۋالغۇش، خىتاي- قىرغىزىستان سودىسىغا تەسىر يەتكۈزدى
- قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايدۇرۇمىنى داۋاملىق ئىشلىتىگە قوشۇلدى