رۇسىيە، قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى كۆپەيتمەكچى
2005.07.13
رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، موسكۋا قىرغىزىستاندىكى كەنت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى ئويلاشماقتىكەن.
كەنت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ۋلادىمىر مىخايلوۋ، " بىز قىسىملىرىمىزنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى ئويلاشماقتىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن. مىخايلوۋ شۇ كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىغا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
رۇسىيە، كەنت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قىسىملىرىنى 2003 - يىلى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر بازىدىكى رۇسىيە قوشۇنى 300 كىشىلىك ئارمىيە بىلەن سۇخوي بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەنت ھاۋا ئارمىيە بازىسى ماناس ئايدۇرۇمىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ماناس ئايدۇرۇمىدا 2000 كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنى تۇرىدۇ.
قىرغىزىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېۋ، دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چېكىش ۋاقتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. باقىيېۋ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىش ۋاقتىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ "ئافغانىستاندا ۋەزىيەت ئۆزگەردى، بىز ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇش ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.
يېقىندا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىلاردىن چېكىنىش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشقا قىستىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى
- تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قىرغىزىستان ھەققىدىكى قاراشلىرى
- باقىيېف، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىسىتاندا تۇرۇشىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- كوندالىزا رايىس، ش ھ ت نىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى
- ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قىستىمايدۇ