ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن


2005.08.26

ئۆزبېكىستان پارلامېنتى جۈمە كۈنى ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىدىن بۇ يەردىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان بىر قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى. ئۇلار بۇ يەردىكى ئامېرىكا بازىلىرىنىڭ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پارلامېنتى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يەردە ئەمدى قوشۇن تۇرغۇزۇش ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىگەن. ھەتتا بەزى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندا داۋاملىق قوشۇن تۇرغۇزىشىنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي بازا كېلىشىمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇ چاغدا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەنجاندا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجان پۇقرالىرىنى باستۇرۇش ۋەقەسىنى يېقىندىن قوللىغان خىتاي بىلەن رۇسىيىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.