ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدۇ


2005.09.28

ئامېرىكا ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ئۆزبېكىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قوشۇن چېكىندۈرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دانىيال فرايىدنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. ئەمما ئۇ قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ كونكېرت ۋاقتىنى بىلدۈرمىدى. ئۆزبېكىستان ئامېرىكىدىن ئەڭ كېچىككەندە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئۆزبېكىستاندىكى خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ماددىي ئەشيالارنى تەمىنلەيدىغان مۇھىم بىر ھالقىسى ئىدى.

دانىيال فرايىد، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىنىڭ ئالدىدا، تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ يىل مايدا، ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلغاندىن كېئىيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىغان. دانىيال فرايىد، " ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئەنجان ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرماقتا" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنجاندىكى خەلق قارشىلىق نامايىشىدا نەچچە يۈز پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، ئۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئىسلام رادىكاللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ كۆرسىتىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 180 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلام پىدائىيلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ( ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.