ئۆزبېكىستان، ئامېرىكىنىڭ خان ئاباد ھاۋا بازىسىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويدى


2005.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئاباد رايونىدىكى ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىشتە بەزى چەكلىمىلەر يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى برايىن ۋىتماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خان ئاباددىكى ھەربىي بازىسىدىن پايدىلىنىشىدا چەكلىمىلەر يولغا قويۇپ، مەزكۇر بازىسىدىن ئايروپىلانلارنىڭ كېچىدە ئۇچۇشىنى چەكلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر چەكلىمىلەرنى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ -13 ماي كۈنى ئەنجاندا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىدىن كېين يولغا قويغان.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىدىن كېيىن تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان، تىپلىق ئايروپىلانلىرىنى ئۆزبېكىستاندىكى خان ئاباد ھەربىي بازىسىدىن، ئافغانىستاندىكى باگرام ھەربىي بازىسىغا يۆتكىگەن.

لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماككورمىك، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خان ئاباد بازىسىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە قويغان چەكلىمىلىرىگە قارىماي، ئۆزبېك خەلقىغە ئىنسانى رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچلىگى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا، پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئەنجاندىكى نامايىش جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 176 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنجاندىكى باستۇرۇش جەريانىدا 500 دىن 1000 غىچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىدا، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفقا ئوخشاشلا، ئەنجاندىكى ۋەقەلەر، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزبېكىستاندا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان، دەپ خۇلاسە چىقارغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.