ب د ت ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى

بېشكەكتىن بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ب د ت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستانغا يېتىپ كەلگەن. مەزكۇر گۇرۇپپا، قىرغىزىستانغا خوشنا بولغان ئۆزبېكىستاندا، ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يىل يۈز بەرگەن ئاممىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوراللىق باستۇرۇش قىلمىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىدىكى ئەنجان شەھىرىدە نامايىش قوزغىغان ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى .

كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان ئەسكەرلىرى قوراللىق باستۇرۇش جەريانىدا، نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ خەلقنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارغا "ئىسلام رادىكالچىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ ھەرىكىتى قوزغىدى" دېگەن بەتنامنى چاپلاپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغان. گەرچە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە 173 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىق باستۇرۇشتا 700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. (ئەقىدە)