ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۆزبېك مۇساپىرلارنى ئۆزبېكىستانغا مەجبۇرى قايتۇرماسسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوفى ئانناننىڭ باياناتچىسى كوفى ئانناننىڭ پرېزىدېنت قۇرمانبېگ باقىيېۋتىن ئۆزبېك مۇساپىرلارنى ئۆزبېكىستانغا مەجبۇرى قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كوفى ئاننان، قۇرمانبېگ باقىيېۋقا قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارا كېلىشىملەردە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىپ، ب د ت مۇساپىرلار كومىسارى كامېل مارجاننىڭ خىزمىتىگە يار- يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كامىل مارجان بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، بۇ يەردىكى ئۆزبېك مۇساپىرلارنى ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى 29 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى كۈرۈپ چىقىشىغا ماقۇل بولغان. قىرغىزىستان باش تەپتىشى ئازىمبېك بېكنازاروۋ، " ئەگەر مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ ھەپتە ئىچىدە 29 كىشىلەرنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلمىسا، بىز ئۇلارنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز مۇمكىن،" دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ يىل 13 - مايدا يۈز بەرگەن ئانجاندىكى ئىسيان باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قارا سۇ ۋە ئەنجان قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم پۇقرالار قىرغىزىستان تەرەپكە قېچىپ ئۆتۈۋالغان ئىدى. (ئەركىن)