ب د ت قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ 4 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ھەرىكىتىنى ئەيىپلىدى


2005.06.10

ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى، جۈمە كۈنى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ 4 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىپلىدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قىرغىزىستاندا پانالىنىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن چۆچىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر مۇساپىر، كېرىموف ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى نامايىشنى باستۇرغاندىن كېيىن قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى ئەنجاندىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى " قەتلىئام" دېگەن ئىدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەمەلدارى ئەلمار باگىروۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلار لاگىرىدىن 16 كىشىنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشىنى سۇئال - سوراقسىزلا ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتانبايېۋا، سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزبېكىستانمغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىكى بەزى دائىرىلەر، مۇساپىرلار مەسىلىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن.

مۇساپىرلار مەھكىمىسى قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن مۇساپىرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرغىزىستان ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ئىمزالىغان سىياسى مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە مەجبۇرى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئوچۇق - ئاشكارە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىپلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.