رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سىرگىي ئىۋانوف، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىۋانوف "ئىتتپاقدىشىمىز بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ھېچقانداق بېسىم ئىشلەتمىدۇق" دېگەن.
يېقىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشى ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىشى ھەققىدىكى باياناتقا قول قويۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گەرچە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما " ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ 20 يىلمۇ، 30 يىلمۇ ياكى 250 يىلمۇ، قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك" دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.
گەرچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىشى كېرەك، دېگەن بىر بايانات قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىغا ھازىرچە ئامېرىكا قىسىملىرىنى قىرغىزىستاندىن چېكىندۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت بەلگىلەشكە ھاجەت يوق، دېگەن. (قانات)