خىتاي ئامېرىكا بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتكەن

قىرغىزىستاندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان بېشكەك ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان.

قىرغىزىستاندىكى سىياسى پەنلەر مۇتەخەسسىسى قاسىقبايېۋ قىرغىزىستان رادىئوسىدا سۆز قىلىپ، بېشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ھەربىي بازىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەربىي پائالىيىتىنى ئوغرىلىقچە كۆزۈتۈشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

قاسىقبايېۋ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىش توغرىسىدىكى باياناتى رۇسىيە تەرىپىدىن ئەمەس، خىتاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. قاسىقبايېۋنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا بېشكەكتىكى ھەربىي بازىغا سىگنال ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا، خىتاينىڭ پۈتۈن غەربىي شىمالىنى كۆزۈتەلەيدىكەن.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاسىقبايېۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىن كېلىدىغان بېسىمغا بەرداشلىق بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىكەن. ئۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىختىلاپ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)