0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى بىلىم تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ زالىدا، ئەخمەت يەسەۋى ئۇنۋەرسىتېتى، تۈركىيە-قازاقىستان دوستلۇق جەمىيىتى ۋە قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى قۇرۇش ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا تۈرك ۋە قازاق پارلامېنت ئەزالىرى، ئەلچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. ئۇلار قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىبىنى مۇزاكىرە قىلدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.