ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك ياشلار تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، ئۆز دۆلەتلىرى ۋە رايوننىڭ دېموكراتىيىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە پۈتۈشكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنىيىنىڭ "پەيت"، رۇسىيىنىڭ" بىز"، قىرغىزىستاننىڭ "بىرگە" ۋە قازاقىستاننىڭ "قاھار" دەپ ئاتالغان ياشلار تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، دۆلەتلەر ھالقىغان دېموكراتىك تور ھاسىل قىلغان.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دۆلەت ھالقىغان دېموكراتىك تورنىڭ خاراكتېرى سىياسىۋىلىك، ئۆكتىچىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بارلىق دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى قوغداش، تەڭ-باراۋەرلىك ئاساسىدا دېموكراتىيىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە دىكتاتۇرۇلۇق خائىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن فرونت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيىلىرى بېرلىنگە جەم بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنى قايتىدىن تەسىس قىلىپ، رەسمى ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)
