بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
2007.07.01
قىرغىزىستاننىڭ كۆپ ساندىكى رېژىسسور ۋە سەنئەت يېتەكچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت فېستىۋالىغا تەييارلىق قىلماقتا.
قىرغىزىستان مىللىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "قابار"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدا بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىننىڭ سەنئەت فېستىۋالى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، يەنى قىرغىزىستان ساھىبخان سۈپىتىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن باشقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
قىرغىزىستان رېژىسسورلىرى فېستىۋالنىڭ پۈتۈن پروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىقلار ئېلىپ بارماقتا . قىرغىزىستان مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا قازاقىستان تۆت مىليون دوللار خەجلىگەن بولسا، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا خىتاي يەتتە مىليون دوللار سەرپ قىلغان. ئەمما، قىرغىزىستاننىڭ بۇ فېستىۋالغا ئاجراتقان مەبلىغىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ بىشكەكتە ئېچىلىشىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەييارلىق قىلماقتا.
ھازىر بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غەربكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەربىي -سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- خىتاي قىرغىزىستانغا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداش تەكلىپىنى بەردى
- ئىسسىق كۆلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- قىرغىزىستاندا قولغا ئېلىنغان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى قويۇپ بېرىلدى
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت