شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى، يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالىماقچى
2007.07.07
جۈمە كۈنى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىف، كېلەر ئاي قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنى جەريانىدا، بىر قاتارلىق مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 6 دۆلەت رەھبەرلىرى بىخەتەرلىك، سودا-تىجارەت، مەدەنىيەت، ئەدلىيە ۋە ھەربىي ساھەدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، پرېزىدېنت باقىيىف ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە بۇ تەشكىلاتىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى رولىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
باقيىف جۈمە كۈنى بىشكەكتە بەرگەن باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ، بىرى-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا رۇسىيە، بىلارۇس، ئەرمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا.
پرېزىدېنت باقىيىف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلسىدە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئاساسەن ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمما بۇ ئىككى تەشكىلات نۇرغۇن مەسىلىلەردە پەرقلىق نىشانلارنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. (ئۆمەر قانات)