شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى بىشكەكتە باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 16 ‏- ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ بىشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي، رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى 8 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى (چارشەنبە) قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىگە جەم بولدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن؛ قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىدىكەن ۋە كېلەر قېتىملىق نۆۋەتچى رەئىس بولىدىغان دۆلەت بەلگىلىنىدىكەن. بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن، 17 ‏- ئاۋغۇست كۈنى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت باشلىقلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى نەق مەيداندا كۈزىتىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بىشكەكتە خىتاي بىلەن رۇسىيە دۆلەت باشلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقچى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئابادتىن 15 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرشىد ماھمۇت كاسۇرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىشكەككە ماڭغان.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىغا خەت يېزىپ، يىغىندا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. (ۋەلى)