قازاقىستاندا چىقىدىغان "بۈگۈنكى قازاقسىتان" گېزىتى، بۇلاڭچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. "بۈگۈنكى قازاقسىتان" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەردىن بېشكەككە كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان چېگرىسىغا كىرگەندىن كېيىن، تورغات - بېشكەك تاش يولىدىكى سوغاقسۇ ئۆتىڭىدە ئاپتوبۇس يولىنى "ئوپېل" ماركىلىق بىر ماشىنا توسىۋالغان. بۇلاڭچىلار ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ پۇل - پۈچەكلىرىنى ئېلىپ تۆۋەنگە چۈشۈشىنى بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسنى قوغداپ ماڭغان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا ئېتىشىشدىن كېيىن بۇلاڭچىلار قېچىپ كەتكەن.
ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ياكى يولۇچىلارنىڭ مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن. بۇ ۋەقە 2003 - يىلى 4 - ئايدا بېشكەكتىن قەشقەرگە ماڭغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاپتوبۇستىكى 20 نەپەر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ 2 - قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قىرغىزىستان تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2003 - يىلى 4 - ئايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاپتوبۇستىكى 3 خىتاي يولۇچىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر بىلەن بېشكەك ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارغا قوراللىق ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. (ئەركىن)